شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 12- ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جىممىي كارتىرنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېنغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن سابىق زۇڭتۇڭ كارتىرنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: سابىق زۇڭتۇڭ جىممىي كارتىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولغۇچى ۋە تەدبىر بەلگىلىگۈچى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. مەن ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇردۇم. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ بىرى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل توغرا يولنى بويلاپ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.