شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كەچ سائەت 7دە، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2025 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىدۇ. مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قارىمىقىدىكى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلى، ئاخبارات قانىلى، جۇڭگو تىل - يېزىقى خەلقئارا قانىلى، 4K قانىلى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەرقايسى چەت ئەل تىلى قاناللىرى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى ھەم خەلق تورى، شىنخۇا تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى قاتارلىق مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرى قارىمىقىدىكى تور بېكەتلىرى، يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا دەل ۋاقتىدا تارقىتىلىدۇ.