12- ئاينىڭ 31 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بېيجىڭدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاي سۆھبىتىدە مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بېيجىڭدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى ھەم ئويۇننى كۆردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە پايتەختتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2025 - يىللىق يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، بوران - چاپقۇنلۇق كۈنلەرمۇ، قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرغان گۈزەل كۈنلەرمۇ بولىدۇ، يەنە شىددەتلىك بوران - چاپقۇن، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنمۇ بولىدۇ. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، باتۇرانە ئالغا بېسىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە مەدەت بېرىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارغا يېڭى يىللىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى!
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2024 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىر يىلدىن بۇيان، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ئېلىپ كەلگەن خىرىس ئالدىدا، بىز سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدۇق. بىر يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسى ناھايىتى ئالاھىدە بولدى، نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇ، بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، تەكلىپ بېرىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قەلبلەرنى مۇجەسسەملىشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملىشى، كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.
چاي سۆھبىتىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ 2025 - يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.
دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ قەتئىي تەۋرەنمەي باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.
چاي سۆھبىتىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ھەر ساھە زاتلار ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى، ئاخىرىدا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ «ئىتتىپاقلىق − كۈچ» ناملىق ناخشىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. يىغىن مەيدانى خۇشال - خۇرام ۋە ئىناق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە ئىلگىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان بېيجىڭدىكى پېشقەدەم يولداشلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.