1 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېكۋادور زۇڭتۇڭى نوۋوئا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئېكۋادور ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ ئېكۋادور مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، جۇڭگو ـ ئېكۋادور دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بولۇپمۇ جۇڭگو ـ ئېكۋادور ئەركىن سودا كېلىشىمى ئوڭۇشلۇق ئىمزالىنىپ ھەم كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. مەن جۇڭگو ـ ئېكۋادور مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئېكۋادور مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
نوۋوئا مۇنداق بىلدۈردى: ئېكۋادور بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى چوڭقۇر ۋە ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئابىدە. 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىشىنىش ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئېكۋادورنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتنىشىشى ۋە ئېكۋادور ـ جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى كۈچلۈك ئاشۇردى. ئېكۋادور تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە زىچ ھەمكارلىشىپ، دوستلۇق، سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق گۈللەنگەن كەلگۈسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.