شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋابەن يېڭى يىللىق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتتى

2025.01.03 14:01 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋابەن يېڭى يىللىق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتىپ، يېڭى يىللىق بەخت تىلىدى ھەمدە مۇنداق بىلدۈردى: 2025 ـ يىلى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تىنچلىق ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن ئورتاق جەڭ قىلدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى. جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ياش ـ ئۆسمۈرلىرىنىڭ «كەلگۈسى بەش يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش ـ ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش» تەشەببۇسىغا داۋاملىق تۈردە پائال قاتنىشىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتى ئامېرىكا ـ جۇڭگو ياش ـ ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى ۋە لىنكولىن ئوتتۇرا مەكتىپى، تەنتەربىيە مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى «كەلگۈسى بەش يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش ـ ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش» تەشەببۇسىغا قاتنىشىپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ھەم پۈتۈن جۇڭگو خەلقىگە يېڭى يىللىق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتكەن، 100دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداش تەبرىك كارتىسىغا ئىمزا قويغان. ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار تەبرىك كارتىسىغا جۇڭگو تىل ـ يېزىقىدا: «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز. يېڭى يىلنى خۇشال كۈتۈۋالايلى، ياشىسۇن تىنچلىق، جۇڭگو ـ ئامېرىكا دوستلۇقى مەڭگۈ داۋاملاشسۇن!» دەپ يازغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ