12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەت بويىچە تەقدىرلەنگەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار ئىلغار كوللېكتىپى ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەت بويىچە تەقدىرلەنگەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار ئىلغار كوللېكتىپى ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئارىلاپ پاراڭلاشتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى گەنجيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان مەملىكەت بويىچە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار ئىلغار كوللېكتىپى ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەش كېرەك.
يىغىندا دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار ئىلغار كوللېكتىپىدىن 150ى ۋە ئىلغار شەخستىن 450ى تەقدىرلەندى. شاڭخەي شەھىرى ياڭپۇ رايونى «لاۋياڭشۇ لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى» كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى نى لەيدى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈلىن شەھىرى جياشيەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر لۇ شېڭمېي، شېنجوۋ ئالەم كېمىسىنىڭ تۇنجى باش لايىھەلىگۈچىسى چى فارېن يىغىندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا سۆز قىلدى.
خې ۋېيدۇڭ، شېن يىچىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، جياڭ شىنجى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.