مۇھىم خەۋەرلەر

ئېفىئوپىيەنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 71 گە يەتتى

2024.12.31 13:42 مەنبە: خەلق تورى

بۇ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېفىئوپىيەنىڭ سىداما ئىشتاتىدا سۈرەتكە ئېلىنغان ھادىسە نەق مەيدانى.

شۇ جايدىكى ساقچى تارماقلىرى 30-چېسلا ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئېفىئوپىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سىداما ئىشتاتىدا 29-چېسلا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 71 گە يەتكەن. يولۇچىلار ئولتۇرغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى شۇ جايدىكى بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ