«كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي تەكشۈرۈشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېببىي دورا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يۆتكىمە چىقىم ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «گوۋۇيۈەننىڭ ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ شىركەت پاي چېكىنى ئاشكارا تارقىتىشىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (لايىھە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 12-ئاينىڭ 23-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، «كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي تەكشۈرۈشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېببىي دورا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يۆتكىمە چىقىم ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «گوۋۇيۈەننىڭ ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ شىركەت پاي چېكىنى ئاشكارا تارقىتىشىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (لايىھە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي تەكشۈرۈش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش سۇبيېكتلىرىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى مۇھىم ئۇسۇل، بۇنىڭدىكى ئەسلىي مەقسەت كارخانىلارنىڭ قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش. لېكىن، ئەمەلىيەت جەريانىدا بەزى جايلار ۋە تارماقلاردا كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي تەكشۈرۈشتە قالايمىقان ئىش قىلىش مەسىلىلىرى پات-پات يۈزبېرىپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى ۋە تىجارەت-سودا مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزدى. بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزلەپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي تەكشۈرۈشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، سالماقنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ھەم كەم قالماسلىق، ھەم دائىرىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەمۇرىي تەكشۈرۈش سۇبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى ئېنىقلاپ ئېلان قىلىپ، قالايمىقان تەكشۈرۈشنى مەنبەدىن توسۇش كېرەك. تەكشۈرۈش شەكلىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى چىڭىتىپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈش، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارغا كىرىپ تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، خالىغانچە تەكشۈرۈشنى توسۇش كېرەك. مەمۇرىي تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كېلەر يىلى كارخانىلارغا چېتىلىدىغان قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، قالايمىقان تەكشۈرۈشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دورا ياساش چوڭ دۆلىتىدىن دورا ياساش كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆلچەمنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىلغان دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى پائال كېڭەيتىش كېرەك. تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىلىنىكىدا جىددىي ئېھتىياجلىق دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ بازارغا سېلىشنى تېزلىتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىلغان دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قاتتىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئارقىلىق تېببىي دورا كەسپىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېببىي دورا كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى قوللاش كېرەك. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالاش، باھا قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرگە ۋاقتىدا يېتىشىپ مېڭىپ، تېببىي دورا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماس كۈچ چىقىرىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھايات بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. مەنبەدىن قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، جەرياننى قاتتىق باشقۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنى قاتتىق تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۆتكىمە چىقىمنىڭ يەرلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى باج تۆھپىسى زور، كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. مېخانىزمنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇپ ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى جايلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق باج مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىقى ۋە مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا، «گوۋۇيۈەننىڭ ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ شىركەت پاي چېكىنى ئاشكارا تارقىتىشىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (لايىھە)» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ كاپىتال بازىرىدىكى «ئىشىك باقار»لىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار بىلەن تارقاتقۇچىلارنىڭ نامۇۋاپىق مەنپەئەتىنى باغلاپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مالىيەدە ساختىلىق قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىپ تارقىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.