جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2024.12.25 14:49 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، ۋەكىللەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالىنى تەييارلاشنى چۆرىدەپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. جاۋ لېجى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئاساسىي قانۇن، نىزام چىقىرىش، نازارەتچىلىك، ۋەكىللەر، تاشقى ئالاقە، ئۆزلۈك قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلاش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشتۇق.

جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: دائىمىي كومىتېتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋەكىللەرنىڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. كەڭ ۋەكىللەر خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشتەك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، دائىمىي كومىتېت، مەخسۇس كومىتېت يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، نىزام چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، خامچوت، نەق چوتنى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش، تاشقى ئالاقە قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، پىكىر-تەكلىپ بېرىپ، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋاملىق ياخشى ئىگىلىشى، ياخشى چىڭ تۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق رايىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى توپلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا خەلق رايى ئاساسىغا قۇرۇش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. سىستېما قارىشى، بىر پۈتۈنلۈك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش، تەرتىپلىك، ماس پىلانلاپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدىغان بىرىكمە كۈچنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىلدى. يىغىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋەكىللەر سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، يىغىن قارالمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يىغىندىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ