14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئالاقىدار لايىھە ۋە تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى

2024.12.24 09:56 مەنبە: خەلق تورى

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36 - قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 12 – ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شىن چۈنيىڭ بەرگەن ۋەكىللەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، قوشۇلما قىممەت بېجى قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، رېۋىزىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارار لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار تەكلىپلەرنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى، لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لوۋ چىنجيەن بەرگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن زىمبابۋې جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سۇرىنام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»گە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، شەرتنامىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى بەرگەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار قارار لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى يۇقىرىقى تەكلىپلەرنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى، لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ