يولداش جۇ گۇاڭيا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يىغىندىن بۇرۇن يولداش جۇ گۇاڭيانىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
يولداش جۇ گۇاڭيا دۆلىتىمىزنىڭ يادرو ئىلمى ئىشلىرىنىڭ ئاساسلىق يول ئاچقۇچىلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق ئاكادېمىكى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 8-، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ چۈنخۇا سۆھبەت يىغىنىدا يولداش جۇ گۇاڭيانىڭ شانلىق ھاياتىنى ياد ئەتتى؛ ئۇنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشتەك سىياسىي پەزىلىتى، ۋەتەنگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇش، ئىرادىسىدىن يانماسلىقتەك ساپ ھېسسىياتى، ئىلىم تەتقىق قىلىشتا ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان بولۇش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتەك يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئېسىل پەزىلەتلىك بولۇش، باشقىلارغا ئۇستاز بولۇشتەك ئالىيجاناب خىسلىتىدىن ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى؛ يېڭى سەپەردە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ ۋاڭ دۇڭفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.