شى جىنپىڭ جۇڭگو − قىرغىزىستان − ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرىنى باشلاش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2024.12.30 15:11 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلىگراممىسى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو − قىرغىزىستان − ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرىنى باشلاش مۇراسىمى قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلاش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف نەق مەيداندا پائالىيەتكە قاتناشتى، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو − قىرغىزىستان − ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنى قۇرۇش ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رايونلارنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشى، رايونلارنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلەپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى بولۇپ، ئۈچ دۆلەت خەلقىنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك يولنى ئېچىشقا بولغان گۈزەل ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. بۈگۈنكى باشلاش مۇراسىمى بۇ تۈرنىڭ تەسەۋۋۇردىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈپ قاتناش باشلاش نىشانىغا قاراپ ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈچ دۆلەتتىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە كارخانىلارنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، قۇرۇلۇشنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگو − قىرغىزىستان − ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدىكى يېڭى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى قۇۋۋەت قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − قىرغىزىستان − ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قاتناش - تىرانسپورت كارىدورى بولۇپلا قالماي، يەنە شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك يول. بۇ تۈر قىرغىزىستاننىڭ قاتناش تۈگۈنىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، زور مىقداردا ئىش ئورنى يارىتىپ، ئىقتىساد - سودا، ساياھەت ۋە سانائەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۈچ دۆلەتنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، شۇ رايوننىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، كەڭ مەنزىل ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − قىرغىزىستان − ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرىنىڭ رەسمىي باشلىنىشى ئۈچ دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تۆمۈريول رايون سودىسى ۋە بىر گەۋدىلىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك بەرپا قىلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەر ۋە خەلققە بەخت يارىتىشقا پايدىلىق.

جۇڭگو − قىرغىزىستان − ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى جۇڭگو دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، قىرغىزىستان قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرلىقى، ئۆزبېكىستان قاتناش مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ