جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2024.12.30 15:10 مەنبە: خەلق تورى

12 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

12 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەربىيەسىنىڭ چەكلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىنتىزام جازاسى نىزامىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيەۋىلىكىنى تەھلىل قىلىپ، تەنقىد قىلىش ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىندىن بۇرۇن، ئالاقىدار تەرەپلەر ئەستايىدىل تەييارلىق قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن سىردىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، سۆز تېزىسى تەييارلىدى. يىغىندا، ئالدى بىلەن 2024 - يىللىق مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە 2024 - يىللىق شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىر - بىرلەپ سۆز قىلىپ، يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»گە سېلىشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، سەمىمىي، ئوچۇق - يورۇق بولدى، كەيپىيات كەسكىن، جانلىق بولۇپ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سۆزى بەش مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتى. بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا تېخىمۇ قەتئىي بولۇش؛ ئىككىنچى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشتەك قىممەت ئىنتىلىشى تېخىمۇ قەتئىي بولۇش؛ ئۈچىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تېخىمۇ قەتئىي بولۇش؛ تۆتىنچى، باشلامچىلىق بىلەن ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشتا تېخىمۇ قەتئىي بولۇش؛ بەشىنچى، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا تېخىمۇ قەتئىي بولۇش.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ۋەزىيەت ئېلىپ كەلگەن خىرىس ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىدى. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش پۇختا، كۈچلۈك بولۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى. بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. كېلەر يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى ھەرقايسى يولداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش سۆزىگە بىرمۇبىر باھا بېرىپ، بىر - بىرلەپ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ناھايىتى نەتىجىلىك ئېچىلدى، ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتتۇق، بۇ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشى، خىزمەتنى ياخشىلىشى، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشىغا پايدىلىق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىكى پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك، ئۇنى چۈشەنمەسلىك، ئىگىلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى قاتتىق، ياخشى تۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىنتىزام، قائىدە ئېڭى، پاك - تەلەپچان بولۇش ئېڭى ھەقىقىي كۈچەيتىلدى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلدى، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش تەدبىرى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى يەنىمۇ نامايان قىلىندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى ياخشى، پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك بولسا، پارتىيە ئىنتىزامىغا تېخىمۇ ئاڭلىق رىئايە قىلغىلى بولىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەۋىلىكىنى تاۋلاش، ئىدىيەۋى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، ئۆمۈرۋايەت تىرىشىشى، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىشى، ئۆمۈرۋايەت تەربىيەلىنىشى كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشتە باش ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن پارتىيەۋىلىك ئوزۇقى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش، رىئايە قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ماركسىزملىق سىياسىيونلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قائىدىسىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، غايە - ئېتىقادى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇش، پارتىيەگە سەمىمىي - سادىق بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ ھەم تەربىيەلەش، چەكلەش ئىقتىدارى، ھەم كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولى بار. پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە. ئىنتىزام تېگىشكە بولمايدىغان تۆۋەن چەك ۋە پاسىلنى ئايدىڭلاشتۇردى، شۇنداقلا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پاكىز ئىش قىلىشى، دادىل ئىش قىلىشىنى ھەرىكەت ئۆلچىمى بىلەن تەمىنلىدى. قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلغاندا، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا تولۇق ئەركىنلىك ۋە كەڭ بوشلۇققا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۈلگە تىكلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇپلا قالماي، يەنە روشەن يۆنىلىش تىكلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتقۇچىلارغا يار - يۆلەك بولۇپ، ئىلھام بېرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشتەك جانلىق ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ئىنتىزامى ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەن چەك بەلگىلەپ بەردى، چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلدى، بۇ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پاك - دۇرۇس بولۇشتىكى بىخەتەرلىك مۇداپىئە توسۇقى. ئىنتىزامدىن ئەيمىنىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلغاندىلا، چىرىتىشكە تاقابىل تۇرغىلى، ھەرقانداق زەھەرگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىت مەۋجۇتلا بولىدىكەن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىدە ئادەتتىن تاشقىرى سەگەك بولۇش، پوزىتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى قەتئىي بولۇش، ھەرگىز بوشاڭلىق قىلماسلىق، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان، جەزمەن ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قولىدىكى ھوقۇققا قارىتا قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان ساھە ياكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان جايلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرگە قارىتا تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ۋە قوغداش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى زىممىگە ئېلىشى، پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، باشقا رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى ياخشى ئادا قىلىپ، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ، پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان ساھە ياكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان جايلارنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى مەسىلىلەرنى دادىل باشقۇرۇپ، دادىل تۈزەپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، قاتتىق تۈزەپ، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت ئارقىلىق پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ياخشى رەھبەرلىك قىلغۇچى، ياخشى ئىجرا قىلغۇچى، ياخشى تۈرتكە بولغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: كېلەر يىلى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ