سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 29-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى دىققەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش ۋە قوللاش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، دېھقانلارنى بېيىتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشنى چۆرىدەپ كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 18 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى، ئىتتىپاقلىقىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئەزالىرىنىڭ «قوش ئاكتىپ رولى»نى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىنىڭ تەشكىلىي سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2025-يىللىق كېڭىشىش پىلانى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى ئۆگىنىش لېكسىيەسىنىڭ 2025-يىللىق پايدىلىنىش تېمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنىڭ 2025- يىللىق ئۆگىنىش پىلانى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2024-يىللىق ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ۋە ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش، ئەزالارنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىشى، تەربىيەلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ قارالمىسى (لايىھە) ۋە كۈنتەرتىپى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2024-يىللىق تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ 2024-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، يۇقىرىقى لايىھە، دوكلات ۋە خىزمەت خۇلاسىسىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جيېيىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى بولۇشى بېكىتىلدى.
يىغىندا ۋېي بوپىڭ، ۋۇ سۈنرۇڭنىڭ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا سۇنۇلدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.