لى چياڭ ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى يەن ۋۇيى بىلەن كۆرۈشتى

2024.12.27 15:43 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 25-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى يەن ۋۇيى بىلەن كۆرۈشتى.

لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىش، تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئالدىنقى ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ باش ۋەزىر شىپوماۋ بىلەن پېرۇدا ئۇچراشىتى، ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ جۇڭگو-ياپونىيە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجادىي، مۇقىم جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشقا بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بۇ توغرا يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان قوشنا دۆلەت، كۆچۈپ كېتەلمەيدىغان قوشنىلار، «ئۆزئارا ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بولۇش، ئۆزئارا تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىك» ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە ئورنىتىلغان تۈرلۈك پىرىنسىپلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تارىخقا توغرا قاراپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىختىلاپلارنى ئىجابىي، مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر، دۇنياۋى تەرەققىياتتىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئاشتى، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە خەلق ئالاقىسىنىڭ قۇيۇقلىشىشىغا باغلىق، ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دوستلۇق ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.

يەن ۋۇيى مۇنداق بىلدۈردى: ياپونىيە بىلەن جۇڭگو 2000 يىلدىن ئارتۇق دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخىغا ئىگە، ھازىر رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. ياپونىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بېكىتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ھەرقايسى قاتلام-دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسى، بولۇپمۇ خەلق ئىچى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ۋە خەلق رايى كەيپىياتىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىجابىي، مۇقىم ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ