مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق رايىنى تەكشۈرۈش: پەقەت %19 ئامېرىكا خەلقى دۆلەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن رازى بولغان

2024.12.27 15:54 مەنبە: خەلق تورى

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى گاللوپ شىركىتى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلغان خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، پەقەت %19 ئامېرىكا خەلقى ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، گاللۇپ 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە خەلقنىڭ كەيپىيات كۆرسەتكۈچىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت %19 ئامېرىكىلىق دۆلەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ نىسبەت يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىكى %22 تىن %26 كىچە بولغان سانلىق مەلۇماتتىن سەل تۆۋەن بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن قىممەت ھېسابلىنىدۇ.

«سىز پارلامېنتنىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللامسىز-يوق» دېگەن مەسىلىدە، 12-ئايدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ئاران %17ى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2024-يىلىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىدا، ئامېرىكا خەلق ئاممىسىنىڭ پارلامېنتنى قوللاش نىسبىتى باشتىن--ئاخىر %20 تىن تۆۋەن بولۇپ كەلگەن.

«ئامېرىكا نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە» دەپ سورالغاندا، 12-ئايدىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ جاۋابى 11-ئايدىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ جاۋابى بىلەن ئاساسەن بىردەك بولغان: %20 زىيارەت قىلىنغۇچى ھۆكۈمەتنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارىغان، %17 زىيارەت قىلىنغۇچى كۆچمەنلەرنى تىلغا ئالغان، %15 زىيارەت قىلىنغۇچى ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئەھۋالغا كۆڭۈل بۆلگەن، %11 زىيارەت قىلىنغۇچى پۇل پاخاللىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن.

«ھۆكۈمەت»تىن ئىبارەت بۇ مەسىلە تۈرى ئىچىدە، خېلى بىر قىسىم زىيارەت قىلىنغۇچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت، مەسىلەن: چىرىكلىك ياكى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئىختىلاپى زىيادە ئېغىر بولۇش قاتارلىقلار.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ