گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

زۇڭلى لى چياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى

2024.12.24 09:56 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 23-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشىنى تەشكىللەش چارىسى»گە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن تەيىنلىگەن 35 تارماق ۋە ئورۇندىكى 45 مەسئۇل كىشى قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەردى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋۇ جېڭلۇڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى. ئارقىدىن، يېتەكلەپ قەسەم بەرگۈچى قولىنى ئاساسىي قانۇن كىتابچىغا قويۇپ قەسەمنامىنى يېتەكلەپ ئوقۇدى، باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر سەپكە تىزىلىپ ئۆرە تۇرۇپ قەسەمنامىنى ئەگىشىپ ئوقۇدى.

قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جاراڭلىق قەسەمنى قەلبتە چىڭ ساقلاپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، قالتىس نەتىجىلەر ئارقىلىق نەقلەشتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باشتىن-ئاخىر ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇندىن پايدىلىنىپ، قانۇنچىللىق روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قەتئىي قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پاك-تەلەپچان بولۇشنى باشتىن-ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، توغرا ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق، خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش كېرەك. پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك روھى ئارقىلىق، ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پۇختىلاپ، كونكرېتلاشتۇرۇپ، تۈرمۇتۈر چىڭ تۇتۇپ، نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. تۈرلۈك ئېنىقسىز ئامىللار ئالدىدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، بېكىتىلگەن خىزمەتكە قارىتا بالدۇر قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى بالدۇر قىلىش، بالدۇر قىلىپ كەينىگە سۆرىمەسلىك، تېز ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس-تەلىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىن مەسىلىگە يولۇققاندا چېكىنمەي، زىددىيەتكە يولۇققاندا ئۆزىنى قاچۇرماي، تەپەككۇر ئادىتىنى بۇزۇپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۈنۈملۈك خىزمەت تۇتقىسىنى پائال پىلانلاپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار، جايلار ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىيەت ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە ھەرىكەتكە كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا تولۇقلاپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن تېخىمۇ قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ