مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن ئارمىيە بويىچە مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇنلارنى تەقدىرلىدى

2024.12.24 09:55 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت « پۈتۈن ئارمىيە بويىچە مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇنلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئون ئىلغار ئورۇننى تەقدىرلىدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى تەلىپىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، قىسىملارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە قاتتىق كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئىستىل، ئىنتىزامنى تېخىمۇ چىڭىتتى، قىسىم تەرتىپىنى تېخىمۇ مۇنتىزىملاشتۇردى، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلارنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ئىلغار ئورۇنلارنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ «قىسىمنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»ىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئارمىيەنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ