شى جىنپىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

قىسىم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

2024.12.23 14:53 مەنبە: خەلق تورى

12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ يېڭى پورت گازارما رايونىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى. ھەربىي پاراتتىن ئۆتىدىغان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىيچە قىياپىتى رەتلىك، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن ئىدى. ھەيۋەتلىك پارات مۇزىكىسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چاسا ئەترىتى، مۇداپىئەلىنىش - ئۇرۇش قىلىش چاسا ئەترىتى، زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتى چاسا ئەترىتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى چاسا ئەترىتى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش چاسا ئەترىتىنى تەرتىپ بويىچە كۆزدىن كەچۈردى. «يولداشلار ياخشىمۇسىلەر!» «رەئىس ياخشىمۇ سىز!» «يولداشلار جاپا چەكتىڭلار!» «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز!» شى جىنپىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر جاراڭلىق جاۋاب بەردى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 25 يىلدىن بۇيان، ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر، يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى، ئارمىيە تۇرغۇزۇش قانۇنىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇداپىئە ئىشلىرى مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، بىر قاتار ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتى ۋە ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ يۈكسەك تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ ئورنى، رولى ئالاھىدە، بۇرچ، ۋەزىپىسى ئالاھىدە، تۇرۇشلۇق جايىنىڭ مۇھىتى ئالاھىدە. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، قىسىمنىڭ مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەڭگىۋار قوشۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى مۇداپىئە ئىشلىرى تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش كېرەك. قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەيۋەتلىك قوشۇن، مەدەنىي قوشۇن ئوبرازىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك.

سەي چى، خې ۋېيدۇڭ، شيا باۋلۇڭ ۋە سېن خاۋخۇي قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ