قازاقىستان جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى 12ـ ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەزەربەيجان باكۇدىن رۇسىيەنىڭ گىروزىنغا ئۇچىدىغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ كۈنى قازاقىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى شەھەر ئاقتاۋ ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن، نۆۋەتتە 38 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن.
قازاقىستان دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بوزۇمبايېۋ شۇ كۈنى ئاقتاۋدا ئەزەربەيجان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇ ۋەقەدە 38 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش قازاقىستان تەپتىش مەھكىمىسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەزەربەيجان ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، ئايروپىلاندا 62 يولۇچى، بەش ئايروپىلان خادىمى بار ئىكەن. قازاقىستان جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئايروپىلان خادىملىرى شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 8 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە قۇتقۇزۇش سىگنالى بەردى ھەم كونترول سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى دوكلات قىلدى، ئارقىدىن سائەت 8 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقتاۋغا جىددىي قونۇشنى تەلەپ قىلدى، يولۇچىلار ئايروپىلانى سائەت 9 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقتاۋ ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى. ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 32 ھايات قالغۇچى بايقالغان.