مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئاپتوموبىل بىلەن ئادەم سوقۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە ئالتە ئادەم يارىلاندى

2024.12.27 15:52 مەنبە: خەلق تورى

شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئاپتوموبىل بىلەن ئادەم سوقۇش ۋەقەسى يۈز بەردى، بىر تاكسى كىشىلەر توپىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئاز دېگەندە ئالتە ئادەمنى يارىلاندۇردى. يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا، شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالاندى.

نيۇيورك شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەقە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى شۇ كۈنى سائەت 16 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئورنى «ئاۋانگارتلار مەيدانى(Herald Square) » ئەتراپىغا جايلاشقان. «ئاۋانگارتلار مەيدانى» نيۇيورك شەھىرىدىكى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن ساياھەت مەنزىلگاھى، ساقچى تەرەپ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تېخى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ