ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، ب د ت يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسى (يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش-قۇرۇلۇش باشقارمىسى) مۇنداق دېدى: ب د ت بالىلار فوندى جەمىئيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، غەززە رايونىدا 14مىڭ 500 بالا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھېسابتا ھەر سائەتتە بىر بالا ئۆلۈپ كەتكەن بىلەن باراۋەر ئىكەن.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش-قۇرۇلۇش باشقارمىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىدا مۇنداق يازغان: «ھەر بىر سائەتتە بىر بالا ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ سان ئەمەس، بۇ بالىلارنىڭ ھاياتى قىسقىراپ كېتىۋاتىدۇ.»
يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش-قۇرۇلۇش باشقارمىسى يەنە مۇنداق دېدى: غەززەدە ھايات قالغان بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، بۇ بالىلار يەنە ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، خارابىلىك ئىچىدە جان تالىشىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. بالىلار ھاياتى، كەلگۈسى ۋە ئۈمىدىدىن مەھرۇم قالماقتا.