شى جىنپىڭ ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەرساھە ۋەكىل زاتلار بىلەن كۆرۈشتى

2024.12.20 14:27 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋمېندا ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە ۋەكىل زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى، كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئاۋمېندا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە مەركەزنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە جۇڭگو مەبلەغ سالغان ئاپپاراتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

سەي چى، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان باش مەمۇر سېن خاۋخۇي، ئالدىنقى نۆۋەتلىك باش مەمۇر سۈي شىئەنمۇ ئالاقىدار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ