ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى،  شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي ھەم ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى قاتارلىقلار قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 25 يىلدىن بۇيان، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، ئاۋمېندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، خەلقئارا تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

2024.12.23 14:52 مەنبە: خەلق تورى

12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئاۋمېن شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيە سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئاۋمېن شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيە سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭنىڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلىشىدا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاۋمېن شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيە سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 25 يىلدىن بۇيان، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، ئاۋمېندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، خەلقئارا تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

يىغىن مەيدانىدا كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن بولدى. رەئىس سەھنىسىدە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي ۋە رەپىقىسى خۇاڭ كېپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇردى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ئورۇنلاندى.

شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى. سېن خاۋخۇي ئالدى بىلەن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى، ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقى ئالدىدا ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەنتەنىلىك قەسەم بەردى. قەسەم بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سېن خاۋخۇي بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

ئارقىدىنلا، شى جىنپىڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى سېن خاۋخۇينىڭ يېتەكچىلىكىدە قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. قەسەم بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، سېن خاۋخۇي قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مەمۇرىي كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.

قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، بارلىق ئاۋمېن ئاھالىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى؛ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي ئەپەندى ۋە 6 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى، مەمۇرىي كېڭەش ئەزالىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى؛ ئۇزاقتىن بۇيان «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرى ۋە ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، مەدەت بەرگەن مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى قېرىنداشلارغا ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 25 يىلدىن بۇيان، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى؛ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى؛ تاشقى ھەمكارلىق سىجىل كېڭىيىپ، «بىر مەركەز، بىر سۇپا، بىر بازا»لىق رولى كۈنسېرى نامايان بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىلەرگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ياخشى تۈزۈم، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ياخشى تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمىنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ياخشى تۈزۈم، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچ، سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت قىممەت ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ، ئۇنى ئورتاق قوغداشقا ئەرزىيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيانقى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا، تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى ياخشى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ: بىرىنچى، «بىر دۆلەت»تىن ئىبارەت ئاساسنى چىڭ ساقلاپ، «ئىككى تۈزۈم» پايدىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش، مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ھەرقانداق ۋاقىتتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئىككى تۈزۈم بولۇش» پەرقىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتمەسلىككە، تەۋرەنمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، قېيىپ كەتمەسلىككە، شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات خەۋپسىزلىكنىڭ كاپالىتى، خەۋپسىزلىكنى قوغداش ۋە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئوخشاشلا قەتئىي تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. ھازىرقى تەستە قولغا كەلگەن تىنچ - ئىناق ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، قۇرۇلۇش قىلىپ، يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئەۋزەللىكنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، خاس ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، تاشقى جەھەتتە تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان قىياپەت بىلەن خەلقئارا ئالاقىنى كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىپ، يەرشارىۋى تەسىر كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە چوڭقۇر ئۇدۇللىشىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىشنى تېزلىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا كۆۋرۈكلۈك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، يادرولۇق قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان، ئىناق بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈش ۋە ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈشتىن ئىبارەت يادرولۇق قىممەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنى قوللايدىغان ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىش كېرەك.

شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىگە تۆت تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش، ئىككىنچى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش، ئۈچىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش، تۆتىنچى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەپ قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ياشلار ئاۋمېننىڭ ئۈمىدى ۋە كەلگۈسى، ئاۋمېننى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى جەڭگىۋار كۈچ. كەڭ ياشلارنىڭ ئاۋمېننى قەلبىگە پۈكۈپ، دۆلەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ ياخشى قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ، ياشلىق باھارىنى قۇدرەتلىك ۋەتەن ۋە گۈزەل ئاۋمېننى قۇرۇپ چىقىشتىكى بىپايان زېمىندا جۇلالاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى ھەم چەكسىز پارلاق ئىستىقبالى نامايان بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى توسۇۋالغۇسىز قەدەم بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلانماقتا. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بولغاچقا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولغاچقا، ئاۋمېن چوقۇم تەرەققىيات يېڭى مەنزىلى ئېچىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتالايدۇ، چوقۇم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

سېن خاۋخۇي سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك باش مەمۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بىز «جاسارەت بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش، توغرىلىرىنى ساقلاپ ئىسلاھ قىلىش»تىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بېكىتىلگەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولغاچقا، پۈتكۈل ئاۋمېن شەھەر ئاھالىسى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغاچقا، دۆلەتنىڭ ئاۋمېندىن ئىبارەت بۇ «ئالىقاندىكى مەرۋايىت»ىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.

سەي چى، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك باش مەمۇرلىرى سۇي شىئەن، خې يىچېڭ، شۇنداقلا ئاۋمېندىكى ھەر ساھە ۋەكىللەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلارمۇ تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ