دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاۋمېندا يېڭىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جىيەنلەن فوتوسى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاۋمېندا يېڭىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ سېن خاۋخۇينىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك باش مەمۇرلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش مەمۇر سېن خاۋخۇينىڭ چوقۇم مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ ئۆزگىچە ئورنى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرقايسى رايونلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەركىزىي ھۆكۈمەت باش مەمۇر سېن خاۋخۇي ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ.
سېن خاۋخۇي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ نەتىجە يارىتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئاۋمېننىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمەن.
سەي چى، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.