شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2024.12.20 14:27 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋمېندا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بەش يىلدىن بۇيان، باش مەمۇر خې يىچېڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاۋمېننىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، نەتىجىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ماختاشقا ئەرزىيدۇ، بۇ ھەممىگە ئايان. مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇ نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشى بىلەن، ئاۋمېن ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئاۋمېن ئەمەلىيىتىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. ئىشلار ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان. كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى قايسى ئىش ئورنىدا بولسۇن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش مەمۇر ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۈچەپ ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئاۋمېن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئىنتىزام قىسمىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

سەي چى، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باش مەمۇر سېن خاۋخۇيمۇ ئالاقىدار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ