ئاۋمېندىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ

شى جىنپىڭ ئاۋمېندىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا قايتتى

2024.12.23 14:53 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېندىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋمېندىن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتتى.

شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋمېنغا يېتىپ باردى. ئاۋمېندىكى مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ھەم ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتى ۋە ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشتى؛ خې خوۋخۇا، سۇي شىئەن، خې يىچېڭ، سېن خاۋخۇي ھەمدە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئىنتىزام قىسمىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەدىكى ۋەكىل زاتلار بىلەن كۆرۈشتى؛ مەركەزنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئاساسلىق ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى يوقلىدى؛ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى؛ ئاۋمېن پەن - تېخنىكا داشۆسى ۋە خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى، ئاۋمېندىكى ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچراشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ يەنە تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇزىتىش مۇراسىمىدا، ئاۋمېنلىق ئۆسمۈر - بالىلار شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئۇزىتىشقا كەلگەن خادىملار بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇزىتىش سېپىدىكىلەر بىلەن قول ئىشارىسى قىلىپ خوشلاشتى.

سەي چى، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار شۇ ئايروپىلان بىلەن ئاۋمېندىن ئايرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ