شۇ جاي ۋاقتى 24-چېسلا تۆمۈر مۇنارنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئېففېل تۆمۈر مۇنارى تىجارەت شىركىتى بىر باياناتتا، تۆمۈر مۇنارنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى بىلەن مۇنار چوققىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر لىفىت قۇدۇقىدا توك سىمى ماس بولۇپ قېلىپ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا ئوت ئاپىتى سىگنالى قوزغىتىلغانلىقىنى، ساياھەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر مۇنار دەرھال تاقالغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، نەق مەيداندا تارقاقلاشتۇرۇلغان ئادەم سانى 1200 گە يەتكەن. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى نەق مەيدانغا جىددىي يېتىپ بېرىپ ئوت ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرغان، ئوت ئارقىدىنلا كونترول قىلىنغان. ھازىرغىچە، ئۆلۈش-يارىلىنىش كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدا دوكلات يوق.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۆمۈر مۇنار شۇ جاي ۋاقتى 24-چېسلا كەچتە قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن. نۆۋەتتە، ئالاقىدار تارماقلار ئوت كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.