مۇھىم خەۋەرلەر

ب د ت مىليونلىغان غەززە خەلق ئاممىسىنىڭ قەھرىتان سوغۇقتا قونىدىغان جاي تاپالماسلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

2024.12.23 14:49 مەنبە: خەلق تورى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى يېقىندا «ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى يېڭىلاش» دوكلاتىدا: ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىق بومباردىمان قىلىشى، كەينى-كەينىدىن چېكىنىش بۇيرۇقى ۋە ياردەم ئەشيالىرى چەكلىمىگە ئۇچراش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، غەززە رايونىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى كۈندىن-كۈنگە ناچارلاشتى، بىر مىليونغا يېقىن خەلق ئاممىسى قەھرىتان سوغۇقتا قونىدىغان جاي تاپالماسلىق خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

بۇ ئورگان مۇنداق دېدى: غەززە رايونىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرى يەنىلا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ يىل 6 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا جەمئىي 95 قېتىم مەكتەپ ئىمارەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، بۇنىڭ 61 ى شىمالىي قىسىمدا. بۇنىڭدىن باشقا، كەلكۈننىڭ يامرىشى پۈتكۈل غەززە رايونىدىكى ۋاقىتلىق پاناھ جاينى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. بۇ رايونغا كىرگەن ياردەم ماددىي ئەشيالىرى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 9- ئايدىن 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاران 285 مىڭ كىشى رېمونت قىلىش ياردىمىگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە يەنىلا ئاز دېگەندە 945 مىڭ ئادەم يامغۇر ۋە سوغۇق ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قىشلىق مۇداپىئە ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتا.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ