مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2024.12.19 15:46 مەنبە: خەلق تورى

مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 9-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى قاتارلىقلاردا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي لىنىيە تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىش، تەرەققىي قىلىش تارىخىي چوڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرا يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە 2021-يىللىق مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيان مىللەتلەر خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋر، يېڭى سەپەردە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، باشتىن-ئاخىر ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى چىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئورتاق بېيىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر رايونىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بارلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. ئۆزئارا سىڭىشىش، ئورتاق يۇغۇرۇلۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشقا دائىر سىياسەت، نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم-مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى تەيفېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ھۆكۈمەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. خېيلۇڭجياڭ، جېجياڭ، گۇيجوۋ، گەنسۇ، شىنجاڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ