شى جىنپىڭ لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشتى

2024.12.20 14:26 مەنبە: خەلق تورى

12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېندا ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋمېندا ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن تېخىمۇ زور رولىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبال يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت شياڭگاڭدىن ناھايىتى زور ئۈمىد كۈتىدۇ. باش مەمۇر لى جياچاۋ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ سالماقلىق بىلەن مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىقتىسادقا كۈچەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن شياڭگاڭدا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى جياچاۋ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شياڭگاڭنى ئىقتىسادقا كۈچەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشكە تىرىشىپ يېتەكلەيمەن.

سەي چى، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ