12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك باش مەمۇرى سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋمېندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك باش مەمۇرى سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ خې خوۋخۇا بىلەن سۈي شىئەنگە مۇنداق بىلدۈردى: ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 25 يىلدىن بۇيان، ئاۋمېندا ئۆزگىرىش ناھايىتى زور بولدى، نەتىجىلەر ھەممىگە ئايان. سىلەر ئىلگىرى - كېيىن باش مەمۇر بولۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى يېتەكلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، بۇ جاينىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئاساس سالدىڭلار. ئاۋمېننىڭ بۈگۈنكى ياخشى ۋەزىيىتىنىڭ بولۇشىدا سىلەر ناھايىتى زور تۆھپە قوشتۇڭلار.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىلەرنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش مەمۇر ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئاۋمېننى سۆيىدىغان كۈچلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا مەدەت بېرىپ، ئاۋمېن بىلەن ئىچكى رايونلارنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە مەركەزنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاۋمېننىڭ يىرىك پىلانىنى تونۇشتۇرۇپ، ئاۋمېن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
خې خوۋخۇا ۋە سۈي شىئەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئىلھام بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: ئاۋمېن ۋە دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش مەمۇر ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز.
سەي چى، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.