12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى ئاۋمېن شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئويۇننى كۆردى. كېچىلىكنىڭ ئاخىرىدا، شى جىنپىڭ پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە «ۋەتەنگە مەدھىيە» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى
جىڭخەينىڭ يەلكەن چىقىرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش شىجائىتى تولۇپ تاشتى، خاۋجياڭ شادلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىپ كەلگۈسىگە يۈزلەندى. ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە ئاۋمېن شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئويۇننى كۆردى.
ئويۇن قويۇش نەق مەيدانىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، شاد - خۇراملىققا تولغانىدى. سائەت 20لەردە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ياڭرىدى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ ۋە رەپىقىسى جېڭ سۇجېننىڭ ھەمراھلىقىدا كېچىلىك نەق مەيدانىغا كىردى. پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ قىزغىن قارشى ئالدى.
سەھنىدە نېلۇپەر گۈللىرى ئالتۇندەك پورەكلەپ ئېچىلدى، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم»، «ئۇيقۇسىز كېچە» ناملىق مۇزىكا ياڭرىدى. «يەتتە پەرزەنت ناخشىسى»نىڭ چوڭقۇر مۇھەببەتلىك مېلودىيەسىدە، ئاۋمېنلىق پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد شەھەر ئاھالىسى ۋەكىلى ئاۋمېن بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئىزھار قىلدى. ياشلىق باھار ئۇرغۇپ تۇرغان «ياخشىمۇسىز ئاۋمېن» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇلدا قويۇق بايرام تۈسى نامايان قىلىندى، چالغۇ بىلەن ئورۇنلانغان نومۇر «جىڭخەي يېڭى رىتىمى»نىڭ يېقىملىق مېلودىيەسىدە، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى كۆڭلەن سىزمىدەك تەسۋىرلەندى. مۇزىكىلىق قىسقا تىياتىر «<AI>دىكى خېڭچىن»دا ئاۋمېن ئاھالىلىرى نۇقتىسىدىن خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى، گۇاڭدۇڭچە ناخشا «نېلۇپەر . دېڭىز بويىدا تولۇن ئاي كۆتۈرۈلدى»دە ئەنئەنىۋى يۆجۈ تىياتىرى، ناخشا - ئۇسسۇللار يۇغۇرۇلۇپ، ئىناق، بەختلىك ئاۋمېن قۇرۇش گۈزەل ئارزۇسى ئىپادىلەندى، «شەرقتە شىر سەكرىدى» ناملىق ئۇسسۇل ۋە «تارقالغان مەنبە» ناملىق ناخشىدا مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە ئىشەنچ نامايان قىلىندى. كۆرۈنۈشلۈك بايان «ۋەتەن بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش»تە يېڭى دەۋردىكى ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان پەيتلەر جانلىق نامايان قىلىندى، «سۆيىمەن سېنى جۇڭگو» ناملىق خوردا ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ ئانا ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي قىزغىن مۇھەببىتى ئىزھار قىلىندى. پۈتكۈل كېچىلىك نادىر نومۇرلار ئورۇنلىنىپ، يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
كېچىلىكنىڭ ئاخىرىدا، شى جىنپىڭ پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە «ۋەتەنگە مەدھىيە» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ئاۋمېننىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى تىلىدى. شى جىنپىڭ بارلىق ئارتىسلار ۋە تاماشىبىنلارغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، كېچىلىكنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ناخشا ساداسى ۋە ئالقىش سادالىرى قوشۇلۇپ شادلىق دېڭىزى ھاسىل قىلدى.
سەي چى، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار ئويۇننى بىرلىكتە كۆردى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي، ئالدىنقى نۆۋەتلىك باش مەمۇرى سۇي شىئەن ھەمدە ئاۋمېندىكى ھەر ساھەدىكىلەر ۋەكىللىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلار قاتارلىقلار ئويۇننى كۆردى.