12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئاۋمېن پەن - تېخنىكا داشۆسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا ماتېرىيال كۆرۈۋاتقان ساۋاقداشلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئاۋمېن پەن - تېخنىكا داشۆسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.
ئاۋمېن پەن - تېخنىكا داشۆسى ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن قۇرۇلغان ياش داشۆ بولۇپ، ئاۋمېن ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئالاھىدىلىك ۋە ئەۋزەللىكنى تەتقىق قىلىش ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاۋمېندىكى ئوقۇغۇچى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئۇنىۋېرسال داشۆگە ئايلاندى. شى جىنپىڭ ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىغا كېلىپ، مەكتەپ ۋە ئاۋمېن ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئاۋمېننىڭ مائارىپنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئاۋمېننى مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئاۋمېننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بويىچە سۈپەت تەتقىقاتى، ئاي شارى ۋە سەييارىلەر ئىلمى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گۆھىرى، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش زور ئىش. ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك بايلىققا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىگە دۆلىتىمىزدىكى نەچچە ئەۋلاد ئالەم قاتنىشى خادىملىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بىر تەرەپتىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنى نامايان قىلدى. سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار ئاۋمېننىڭ ئالىي، قابىل، سەرخىل، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
2023 - يىلى 5 - ئايدا، شى جىنپىڭ «ئاۋمېن ئىلىم - پەن 1 - نومۇر»لۇق سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان ئاۋمېن پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي رىغبەتلەندۈرگەن، بۇ، ئاۋمېننىڭ ھەر ساھەدىكىلەر ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىغانىدى. شى جىنپىڭ ئاۋمېن پەن - تېخنىكا سۈنئىي ھەمراھ ئىلمى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە كىرىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ئارقىلىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئەمەلىي ئايلىنىش ئەھۋالىنى كۆردى، تۈرنىڭ پەن تەتقىقات جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ئىستىقبالىنى ئىگىلىدى، نەق مەيداندىكى تەتقىقاتچى خادىملار ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، ئاۋمېننىڭ ئىچكى رايونلار بىلەن يۇقىرى پەن - تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى بولۇپ، ئاۋمېن پەن - تېخنىكا ساھەسىنىڭ قالتىس يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاۋمېنغا، دۆلەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ مەكتەپ كۇتۇپخانىسىغا كېلىپ، «يەرشارى خەرىتىسىدىكى ئاۋمېن»دىكى گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن ئاۋمېن قەدىمىي خەرىتە كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، كۇتۇپخانىدا ساقلانغان قىممەتلىك كىتابلارنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جۇشىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ماتېرىيال كۆرۈۋاتقان ساۋاقداشلار ئىنتايىن ھاياجانلاندى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكتىن كەسىپ ئۆگىنىش، تەتقىقات ساھەسى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سورىدى، ساۋاقداشلارنى قىممەتلىك ئۆگىنىش ۋاقتىنى قەدىرلەپ، پايدىلىق بىلىملەرنى كۆپرەك قوبۇل قىلىپ، تور بايلىقىنى ئۆگىنىش ۋە پەن تەتقىقاتتىكى ياخشى ياردەمچىگە ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. كۇتۇپخانا زالىدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، پەن تەتقىقات خادىملىرى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئۈنلۈك ئاۋازدا رەئىس شى جىنپىڭدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئاۋمېن مائارىپىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى، كۆپچىلىكنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق - جۇشقۇن ئىكەنلىكىنى، ئىشەنچكە تولغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىپ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت ۋە ئاۋمېننىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ پەن سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. سىلەرنىڭ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ۋەتەن بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، كىشىلىك ھايات قىممىتىڭلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاۋمېن پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا، ئاۋمېننىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن ھەم شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، يولنىڭ ئىككى ياقىسى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغانىدى، كۆپچىلىك قول پۇلاڭلىتىپ تەنتەنە قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى.
سەي چى، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خې يىچېڭنىڭ رەپىقىسى جېڭ سۇجېننىڭ ھەمراھلىقىدا ئاۋمېن مۇزېيىغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. پېڭ لىيۈەن مۇزېيدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ئاۋمېننىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى ۋە جۇڭگوچە ئۇسلۇب بىلەن غەربچە ئۇسلۇب يۇغۇرۇلغان بىناكارلىق، كەسىپ، مەدەنىيەت تۇرمۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شۇ جايدىكى فارفور خىشقا رەسىم سىزىش، ياغاچ ئويما قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.
مۇزېينىڭ 3 - قەۋىتىدىكى زالدا، پېڭ لىيۈەن كۆرگەزمىنى ئەمدىلا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغان كىچىك دوستلار بىلەن ئېكسكۇرسىيە تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ھەم مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازىرىغا كېلىپ مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى، نەق مەيداندا ئۆرۈك مېغىزى توقىچى پىشۇرۇشقا قاتناشتى. پېڭ لىيۈەن كۆپچىلىكنى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، تىرىشىپ بىلىم ۋە ماھارەت ئۆگىنىپ، ئاۋمېننىڭ قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا پائال ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى.