شى جىنپىڭ خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى

2024.12.20 14:26 مەنبە: خەلق تورى

12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ خېڭچىندىكى تيەنمۇ چىنتەي كۆرگەزمە زالىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونىنىڭ پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

خېڭچىن گۇاڭدۇڭ جۇخەينىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان، ئاۋمېن بىلەن سۇ ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدىكى كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سۇپا. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم خېڭچىندا تەكشۈرۈشتە بولدى، خېڭچىننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن رول تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى. 2021 - يىلى 9 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى.

خېڭچىندىكى تيەنمۇ چىنتەي كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ «خېڭچىن بىلەن ئاۋمېننىڭ ئورتاق ساداسى − خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمە زالىدا، ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر پارچە دىياگرامما، ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇم مودېلى خېڭچىن بىلەن ئاۋمېننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىقىدىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى جانلىق، بىۋاسىتە نامايان قىلىپ تۇراتتى، شى جىنپىڭ ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تۈرلۈك خىزمەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خېڭچىن بىلەن ئاۋمېننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆسۈپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدىكى كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش رولى كۈنسېرى نامايان بولدى. ئەمەلىيەت مەركەزنىڭ خېڭچىننى ئېچىش، ھەمكارلىق رايونى قۇرۇشنى قارار قىلىش تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى يۇقىرى پەن - تېخنىكا تىرەك سۇپىسىنى ئورتاق قۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ كۆپ خىل پەنلەر بويىچە ئىلغار تېخنىكىنى بىرىكتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئاۋمېننىڭ يېڭى قوشنىسى بولغان خېڭچىن ئاۋمېن ئاھالىلىرى ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان تۇنجى ئۇنىۋېرسال خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، تۈر كۆرگەزمە رايونى ئالدىدا، شى جىنپىڭ بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان شەھەر ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋمېندىن خېڭچىنغا كېلىپ يىلتىز تارتىپ ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھېكايەڭلار ئاۋمېندا بىر تۈركۈم غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتىدىغان ياشلارنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، خېڭچىننى ئېچىش قۇرۇلۇشى سىلەرنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىڭلارنى كەڭ بوشلۇق ۋە پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، بۇ يەردە زور نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئاۋمېن ياشلىرىنىڭ خېڭچىندا قالتىس كىشىلىك ھايات ئىزنالىرىنى قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونىنىڭ پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «ئاۋمېن + خېڭچىن» «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنى بېيىتىشتىكى يېڭى ئۈلگىگە، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئېگىزلىككە، دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى سۇپىغا ئايلانماقتا. سىلەر خېڭچىن قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىلىرى، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرى، سىلەر دۆلەت ۋە ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتۇڭلار.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خېڭچىننى ئېچىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنىڭ ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدىكى كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. يىرىك پىلاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەمكارلىق رايونىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈشتە، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدىكى كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولايلىق يارىتىشتا، ئەمەلىي تەدبىر ۋە نەتىجىلەرنىڭ بار - يوقلۇقىغا قاراش كېرەك؛ «ئىككى تۈزۈم» پايدىسىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىككى جاينىڭ قائىدىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە مېخانىزمنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، يېڭى تۈزۈم خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان - ياراتمىغانلىقىغا قاراش كېرەك؛ خېڭچىن بىلەن ئاۋمېننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئارقىلىق گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بازىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرغان - قىلدۇرمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. گۇاڭدۇڭ، جۇخەي، ئاۋمېننىڭ ھەممىسى ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تۆھپىكارى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىسى بولۇپ، ھەممىسى مۇشۇ نىشانغا قاراپ ئورتاق تىرىشىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، كۆپچىلىكنىڭ مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»، قائىدە - مېخانىزملارنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»، خېڭچىن - ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ «قەلبلىرىنى تۇتاشتۇرۇش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خېڭچىن بىلەن ئاۋمېننىڭ ئىقتىساد يۈكسەك دەرىجىدە ماسلاشقان، قائىدە چوڭقۇر جىپسىلاشقان تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، خېڭچىن بىلەن ئاۋمېننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. مەركەز بەرگەن تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدىكى كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتى ۋە گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بازىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

سەي چى، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، خۇاڭ كۇنمىڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ