مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھازىر يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە خىرىس تەھلىل قىلىندى، 2025-يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ قېتىمقى يىغىنغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن ئىلگىرى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2024-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىپ، يېزا جەمئىيىتى ئىناق، مۇقىم بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئاساسىي تىرەك بىلەن تەمىنلەندى. 2025-يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشكە مەدەت بېرىدىغان تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا-كەنتلەردە خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قوللىنىپ، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ، كونا ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاش، يېزا رايونلىرىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلاش كېرەك.
يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكرى (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، 2025-يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇرۇقنى ئاچقۇچلۇق جايغا قويۇشقا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىندى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى جەزمەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت ھەرىكەت ۋە تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى»تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچ توپلاپ بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىقتا ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كۈچلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىش، قوللىنىشنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئىگىلىكىدە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىشىدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار بىلەن ئاشلىق سېتىلىدىغان رايونلارنىڭ ئۆلكىلەر ئارا توغرا لىنىيەلىك مەنپەئەت تولۇقلىمىسىنى قوزغىتىپ يولغا قويۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى مۇۋاپىق سەۋىيەدە ساقلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆپ خىللاشقان يېمەكلىك تەمىناتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، چارۋىچىلىقنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇپ، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك تېجەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، يار-يۆلەك بولۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردا قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئاھالە، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا قاتلام، تۈر بويىچە يار-يۆلەك بولۇش تۈزۈمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورنىتىش كېرەك. يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «يەرلىك خاس مەھسۇلات» ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش بىلەن يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە رايونى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېزىلارغا كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كونا ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلاردىكى زىددىيەت-ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى ياخشى ئىشلەپ، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، بىكار تۇرغان دېھقان ئۆيلىرىنى ئىجارىگە بېرىش، پاي قوشۇش، ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى»تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش، قوللىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ھەرقايسى جايلارنى ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋۇ جېڭلۇڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.