رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 22 - چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەيلى كىم رۇسىيەگە زىيان يەتكۈزۈشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنسۇن، «ھەسسىلەپ قايتۇرۇش ئاقىۋىتى»گە دۇچار بولىدۇ.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى تور بېكىتى 22- چېسلا ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: پۇتىن شۇ كۈنى كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە ۋە تاشيول ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ مەزگىلدە رۇسىيە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىي شەھىرى قازان يېقىندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈستىدە توختالغاندا، پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەيلى كىم رۇسىيەگە زىيان يەتكۈزۈشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنسۇن، ھەممىسى «ھەسسىلەپ قايتۇرۇش ئاقىۋىتى»گە دۇچار بولىدۇ، ھۇجۇم قىلغۇچى رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ.
رۇسىيە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت تەرەپ 21-چېسلا ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: قازان شەھىرىدىكى بىر سانائەت رايونى ۋە ئاھالىلەر رايونى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، جەمئىي سەككىز قېتىملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ھەرىكىتى خاتىرىلەنگەن. قازان شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا، ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا قازان شەھىرىدىكى ئىككى تۇرالغۇ بىناسىغا ئوت كەتكەنلىكىنى دەلىللىدى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 21-چېسلا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئوخشىمىغان يۆنىلىشتىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە كۈچى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنى پاچاقلاپ تاشلىدى، رۇسىيە سىمسىز تېلېگراف قىسىمى قالغان ئۈچىنى كونترول قىلدى.