شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ نومۇرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى ھىندىستاننىڭ بومباي ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىگە قاراشلىق بىر پاراخوت كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، بىر يولۇچىلار پاراخوتىغا سوقۇلۇپ كەتكەن، ئارقىدىنلا بۇ يولۇچىلار پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كەتكەن.
ھازىرغىچە، بۇ ھادىسىدە 13 ئادەم ئۆلگەن، جەمئىي 99 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندە، بۇ يولۇچى پاراخوتى بومباي ئەتراپىدىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى پىل ئارىلى تاش غارىغا كېتىۋاتقانىكەن.