شى جىنپىڭ لى جياچاۋنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى

​لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2024.12.16 14:01 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە بېيجىڭغا خىزمەت دوكلاتى بېرىش ئۈچۈن كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمەت دوكلاتى بېرىش ئۈچۈن كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ شياڭگاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، باش مەمۇر لى جياچاۋ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، نېگىزلىك قانۇننىڭ 23 - ماددىسى بويىچە قانۇن چىقىرىشنى تارىخىي خاراكتېرلىك تاماملاپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادقا كۈچەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، تۇرالغۇ، داۋالىنىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شياڭگاڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. مەركەز باش مەمۇر لى جياچاۋ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تەك تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كەلدى. مەركەز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال ئۇدۇللىشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش داۋامىدا شياڭگاڭنىڭ تىنچلىقتىن گۈللىنىشكە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.

لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، شى تەيفېڭ، چېن ۋېنچىڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ