شى جىنپىڭ «2024 - يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2024.12.13 16:19 مەنبە: خەلق تورى

12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «2024 - يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى تەسىس قىلىنغان 10 يىلدىن بۇيان، كۆپ تەرەپچىلىكنى تەشەببۇس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، جۇڭگو تەشەببۇسىدىن پائال تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە چۈشىنىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «يەرشارىدىكىلەر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش» روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى؛ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

«2024 - يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى» شۇ كۈنى ئىسپانىيە مادرىدتا باشلاندى، باش تېمىسى «ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىش، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش» بولۇپ، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى، ئاۋسترالىيە − جۇڭگو دوستانە ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەم دۇنيا رەھبەرلىرى ئىتتىپاقى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ