لى چياڭ گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2024.12.17 15:28 مەنبە: خەلق تورى

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت سېلىنما فوندىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سىياسەت، تەدبىرلەر مۇھاكىمە قىلىندى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پۇتبولنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، «ئاممىۋى بىخەتەرلىك سىن-سۈرەت ئۇچۇرى سىستېمىسىنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 12-ئاينىڭ 16-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا توغرىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە تەشەببۇسكارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىپ، ۋەزىپىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇپ تاپشۇرۇۋېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ، كونكرېت ۋەزىپەنامە، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىن ياخشى تۇتۇپ، بالدۇر قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى بالدۇر تۇتۇش، بالدۇر قىلىشقا رازىكى، كەينىگە سۆرىمەسلىك، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پائال نەتىجە يارىتىش، پۇختا، ئۈنۈملۈك خىزمەت ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتكە كۆپرەك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش ساھەسىدە «سەلبىي تىزىملىك» بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يەرنى زاپاس ساقلاشقا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىپ، ساقلانما تاۋار ئۆيلەرنى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قىلىپ سېتىۋېلىشنى قوللاپ، تۈر كاپىتال مەبلىغى دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. تۈرلەرنى تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى ۋە جانلىقلىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، زايوم تارقىتىش، ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەخسۇس زايومنى پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كېلەر يىللىق مەخسۇس زايوم تارقىتىش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالدۇرراق ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سىياسەت-تەدبىرلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ، مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەش ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك ئورۇن بەلگىلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش فوندىنى قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئۇزاق مۇددەتلىك كاپىتال، سەۋرچان كاپىتالنى راۋاجلاندۇرۇپ، زورايتىپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى فوندنى پەرقلىق باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت كاپىتالىغا قارىتا قىسىش ئېففېكتى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەش سىغىشىدىغان مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساق بولىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

يىغىندا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئۆز كەسپى، ئۆز سىستېمىسىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى سىجىل چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىپ، پۈتۈن زەنجىر بويىچە يوچۇقلارنى ئېتىپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش كېرەك. ئۆلچەمنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆلچەم سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش، ئۆلچەم تەلىپىنى ئۆستۈرۈش، ئۆلچەمنى يولغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ۋە كېلەر يىلىنىڭ بېشىدىكى بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق ۋاقىت بۆلىكى، نۇقتىلىق سورۇن، ئاجىز ھالقىلاردىكى يوشۇرۇن ئاپەتنى تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا پۇتبولنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ، پۇتبولنى گۈللەندۈرۈش تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەت، تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇتبول خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

يىغىندا «ئاممىۋى بىخەتەرلىك سىن-سۈرەت ئۇچۇر سىستېمىسىنى باشقۇرۇش نىزامى ( لايىھە )» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك سىن سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، شەخسىي سىرنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ