شى جىنپىڭ چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى

2024.12.13 16:19 مەنبە: خەلق تورى

12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق 28 باش ئەلچى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى. مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ زالىدا ئەلچىلەرگە سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق 28 باش ئەلچى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى سىرتىدا، مۇراسىم ئەسكەرلىرى ئىككى تەرەپتە سەپ بولۇپ قاتار تۇردى، كانايچى مېھمان كۈتۈش بۇرغىسىنى چالدى. ئەلچىلەر ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، بايراق سېپىدىن ئۆتۈپ، ئاق مەرمەر پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرىغا چىقتى.

«تاغ - دەريالار شۇنچە گۈزەل» ناملىق غايەت زور تام رەسىمى ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەلچىلەر تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى ھەم ئۇلار بىلەن بىر - بىرلەپ سۈرەتكە چۈشتى.

ئۇلار: گوللاندىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خاۋ شىبو، ماراكەشنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەنسارى، كامبودژانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ جياۋېي، شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ناسېۋ، گىرۇزىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كالەنداز، ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېتانسوس، ئارگېنتىنانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما جىيۈەن، تايلاندنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خەن سەنسەي، سىپرۇسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لانىدۇ، سىرى لانكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماجىندا، مالدىۋېنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فازېل، مالىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دائو، لاتۋىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېخرېنبومىس، دانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كۇڭموكې، ئىرېلاندىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوۋ بورىن، زىمبابۋېنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شونىۋا، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېنخبولېد، نورۋېگىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دەي ۋېيئېن، ناۋرۇنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېرىماخ، فىنلاندىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىڭ كەي، مونتېنېگرونىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇلاتۇۋېچ، سالۋادورنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لوپېز، سىلوۋېنىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما بوياڭ، ۋېنېزۇئېلانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېۋاللوس، چادنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاباكار، سومالىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خېدەن، نېپالنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوللى، بېنگالنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نازمۇر.

مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ زالىدا ئەلچىلەرگە سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ ئەلچىلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قارشى ئالدى، ئۇلارغا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقلىرىگە بولغان ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئۇزاق تارىخقا ئىگە، زېمىنى كەڭ. ئەلچىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆپرەك بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساداسىغا كۆپرەك قۇلاق سېلىشىنى، تارىختىكى جۇڭگو، ھازىرقى جۇڭگو، كەلگۈسىدىكى جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، جۇڭگونىڭ دەۋر قىياپىتى، تەرەققىيات يولى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدا ئالاقە كۆۋرۈكى سالغۇچى، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. 75 يىل جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى ھەم چەكسىز پارلاق، شانلىق ئىستىقبالى نامايان بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، 300 تۈرلۈكتىن ئارتۇق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەس. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز تۇرۇۋاتقان دەۋر جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش، يەككە تەرەپلىمە ھەرىكەت، قورۇقچىلىق ئەۋج ئېلىش ھەم كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئېغىر خىرىس ۋە كىرىزىسلارغا دۇچ كەلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. يېڭى تارىخىي تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتقاندا، ھەرقايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ مۇھىمى ئىنسانىيەت تارىخىدىن تەجرىبە - ساۋاق ئېلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ئاكتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ