شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

«ئۈچ رايون، بىر مەركەز» قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خەينەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

سەي چى دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى

2024.12.19 15:44 مەنبە: خەلق تورى

12 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەينەن سەنيادا خەينەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سەنيا، 12 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىناق رايونى، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى، خەلقئارا ساياھەت ئىستېمال مەركىزى، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مۇلازىمەت كاپالەت رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، تاموژنىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ، داۋاملىق تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم دەرۋازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خەينەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

12 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە خەينەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فېڭ فېي دوكلات بەردى، ئۆلكە باشلىقى ليۇ شياۋمىڭ قاتارلىقلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، خەينەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەينەن خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىك، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، ئىسسىق بەلباغ خاس يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يېتەكچى كەسىپلەردە زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق بولغان ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كۆپ قاتلاملىق پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ، زۇمرەتتەك دېڭىز، كۆپكۆك ئاسماننى ياخشى قوغداش كېرەك. مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت، ساغلاملىق ـ كۈتۈنۈش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كەسپىدىكى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭىچە ئىستېمالنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىستېمالنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاش، دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن تاغلىق رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇش، بايلىقلارنى يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز ـ ئوكياننى ئېچىشنى ياخشى تۇتۇپ، دېڭىز ـ ئوكياندىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئېرىشىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېڭىز ـ ئوكيان كۈچلۈك ئۆلكىسى قۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەركىن سودا پورتى سىياسەت ـ تۈزۈم سىستېمىسىنى ھەر تەرەپلىمە يولغا قويۇشنى كۆزلەپ، ئېچىۋېتىش سۈرئىتى ۋە رىتىمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. دىققەتنى سودا، سېلىنما، چېگرا ھالقىغان مەبلەغ ئوبوروتى، كىشىلەرنىڭ كىرىش ـ چىقىشى، تىرانسپورت ئالاقىسىنىڭ ئەركىن، قولاي بولۇشى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقئارا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىقتىساد ـ سودا قائىدىسىگە توغرىلىنىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. تۈرلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئەركىن سودا باغچە رايونلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ۋە فۇنكسىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن بولغان ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى كۈچەيتىش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى، چاڭجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. خەينەن ئەركىن سودا پورتىغا دائىر يادرولۇق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، تاموژنىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈشنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاھالىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ قوش يۈكسىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تارىخىي مەدەنىيەت، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، دېڭىز ـ ئوكيان مەدەنىيىتى، خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى مەدەنىيىتى بايلىقىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى پايدىلىنىپ، ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش كېرەك. شەھەر ـ يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر ـ يېزا ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇللۇق، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر ـ يېزا ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. شەھەر ـ يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرگە يار ـ يۆلەك بولۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زور خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر ـ يېزا مەھەللىلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئىستىلنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كادىرلارنى دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، دادىل سىناق قىلىش، دادىل باشلامچى بولۇش، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەشتەك ئالاھىدە رايون روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قىلچە توختىتىپ قويماي ياخشى تۇتۇپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ يوقىتىش كېرەك. ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە چەك قويۇش ۋە ئۇنىڭغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى چىرىكلىشىشنى توسۇش، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى يىل، باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاشلىق، كۆكتات قاتارلىقلارغا دائىر خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ماددىي ئەشيا، ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ، تىرىشىپ يېڭى يىلدا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ