شى جىنپىڭ رۇسىيە بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى

2024.12.13 16:19 مەنبە: خەلق تورى

12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ چوڭ دۆلەتلەر، قوشنا دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىناق بىللە ئۆتىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېپيېڭى يولدا مېڭىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە قوشنا چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى مېخانىزمى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئىجابىي ھەمتۈرتكە بولۇشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى پارتىيەنىڭ مېخانىزملاشقان ئالماشتۇرۇشىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى سىجىل مۇستەھكەملىدى. ئىككى پارتىيە ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەردىكى دوستانە پارتىيەلەر بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، دۇنيانىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدە، جۇڭگو تەرەپ «جەڭ مەيدانىنى سىرتقا كېڭەيتىۋەتمەسلىك، ئۇرۇشنى ئۇلغايتىۋەتمەسلىك، ھەرقايسى تەرەپلەر ئوت قۇيرۇقلۇق قىلماسلىق»تىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىيەتنى تېزدىن پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. جۇڭگو تەرەپ ئۆزىنىڭ ئىزچىل مەيدانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىدۇ.

مېدۋېدېۋ زۇڭتۇڭ پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭغا يازغان ئىمزالىق خەتنى تاپشۇرۇپ بەردى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ۋە رۇسىيە − جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، نۆۋەتتىكى رۇسىيە − جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىقى زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ۋە تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، «ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش» دېگەن بۇ كۆز قاراش ئىككى دۆلەت ئارىسىدا شەكىللەنگەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. رۇسىيە تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىدۇ. بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى رۇسىيە − جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. ئۆگۈنلۈككە، بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى 22 - قۇرۇلتاي ئېچىپ، كەلگۈسى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە نىشاننى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ. بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى رۇسىيە − جۇڭگو ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر سۆھبەت مېخانىزمى ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ھەم ياشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك قاتارلىق ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدە قوللانغان مەيدانىغا ئىجابىي باھا بېرىدۇ، جۇڭگو ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان «تىنچلىق دوستى» گۇرۇپپىسى تەشەببۇسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ