12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا - جۇڭگو سودا ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق تەبرىكلەش مۇراسىمى كەچلىك زىياپىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، كومىتېتنى ھەم بارلىق ئەزالارنى تەبرىكلىدى، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەم ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىناق ئۆتسە ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق، قارشىلىشىشنى ئەمەس بەلكى سۆھبەتلىشىشنى تاللاپ، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، يېڭى مەزگىلدە ئىككى دۆلەت چىقىشىپ ئۆتىدىغان توغرا يول ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ پىلانېتتا ئۇزاققىچە تىنچ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىپ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ھەمكارلىق بوشلۇقى چەكسىز كەڭ. ئىككى تەرەپ باراۋەر كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق تورتىنى چوڭايتىپ، ھەرقايسىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى خىرىس ئەمەس، بەلكى بىر - بىرىنىڭ پۇرسىتىگە ئايلاندۇرۇشى، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى توسالغۇ ئەمەس، بەلكى بىر - بىرىگە ياردەم بېرىدىغان كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېچىۋېتىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇقەررەر يول. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىدىكى تارىخىي مۇساپە. بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئامېرىكا - جۇڭگو سودا ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ھەر ساھەدىكى دوستلارنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېنمۇ ئامېرىكا - جۇڭگو سودا ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق تەبرىكلەش مۇراسىمى كەچلىك زىياپىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.