كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەيلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2024.12.17 15:29 مەنبە: خەلق تورى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش كېرەك؟ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى، بىرىنچى، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مەقسىتىنى دەل جايىدا چۈشىنىش، ئىككىنچى، كەم ـ كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەلەپلەرنى كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىزچىللاشتۇرۇش.

تىزىستا مۇھىم نۇقتا ئىگىلەندى، تۇتقا تۇتۇلۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلدى. «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش» «تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆي بازىرى ۋە پاي بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش»... مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئومۇمىي تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلاش توغرىسىدىكى ئويلىنىشى ئىخچام يىغىنچاقلاندى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، «15 ـ بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانى ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكلەش رولىغا ئىگە. يىغىندا كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، خەلقئارا كىرىم ـ چىقىمنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىنى ساقلاپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ماس قەدەمدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىش، ئىلمىي تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ھەم ھازىر ئويلىشىلغان، ھەم ئۇزاق مەزگىل كۆزدە تۇتۇلغان، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى قويۇپ بېرىپ، كۈچلۈك ھالدا ئىشەنچنى ئۇرغۇتتى، ئىش قىلىش غەيرىتىگە ئىلھام بەردى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى باغلىنىشچانلىقى كۈچلۈك ئۇللۇق كۆرسەتكۈچ، مەيلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇشتا بولسۇن ياكى تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى، خىرىسىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بولسۇن، ھەممىسىدە ئىقتىسادنىڭ بەلگىلىك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىللە، «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماسلىشىش ـ ھەمكارلىشىش» تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن نۇقتىلىق يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، ئىلمىي مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلەندى.

ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەش ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. يىغىندا كېلەر يىلى «تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇش» كېرەك دەپ تەكىتلەندى. تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش، مالىيە قىزىل رەقىمى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم تارقىتىشنى كۆپەيتىش، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر زايومىنى تارقىتىش ۋە ئىشلىتىشىنى كۆپەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پۇل سىياسىتىنىڭ ئاساسىي رىتىمى «مۇقىم، ساغلام» بولۇشتىن «مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋېتىش»كە تەڭشەلدى، بۇ، 14 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئىش. ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەشنىڭ ئاساسىي رىتىمىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، ئاساسلىقى ھازىر تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىر چوڭقۇرلاشماقتا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى يەنىلا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەت قورال ساندۇقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك سىياسەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

سىياسەت «بىرىكمە تەدبىرى»نى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ئېنىق تەلەپ ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ئىگە.

ئۆي بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن قارىغاندا، بۇ يىلدىن بۇيان، ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەر تەڭشىلىپ، بانكىلار ساقلانما مىقداردىكى تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەندى، تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى بىرلىككە كەلتۈرۈلدى، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىلدى... سىياسەت «بىرىكمە تەدبىرى» تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە تەڭ كۈچەپ، ئۆي ـ زېمىن بازىرىنىڭ تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. 11 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئۆي تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە 3 مىليون 240 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي تاپشۇرۇلدى، 10 ـ، 11 ـ ئايدا مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي سودىسىدا توردا ئىمزالانغان كۆلەمنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن بولغان سېلىشتۇرما نىسبىتى، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى ئۇدا ئىككى ئاي قوش ئاشتى. 2007 ـ يىلىدىن بۇيان، «كۈمۈش 10 ـ ئاي»دىكى پۈتۈشۈش مىقدارى تۇنجى قېتىم «ئالتۇن 9 ـ ئاي»دىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىر سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتكەندىلا، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىشىگە، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە، دەل جايىدا، كۈچلۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا ئېنىق سىگنال قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ.

سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ـ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، بىر تەرەپتىن، مالىيە، پۇل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ، رايون، سودا، مۇھىت قوغداش، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش قاتارلىق سىياسەت ۋە ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى جەھەتتىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تارماقلار ئارا ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىپ قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادىي سىياسەت بىلەن غەيرىي ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماكرو سىياسەت يۆنىلىشى بىلەن بىردەكلىكىنى باھالاش دائىرىسىگە بىرتۇتاش كىرگۈزۈپ، سىياسەت تۈزۈش بىلەن ئىجرا قىلىش پۈتكۈل جەريانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسەت نىشانى، قورالى، پۇرسىتى، سالمىقى، رىتىمىنىڭ ماسلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەتنىڭ «ئەڭ دەسلەپكى بىر كىلومېتىر»دىن «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە بولغان جىپسىلىشىشى، ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ھازىر، ساقلانما مىقدار سىياسىتى بىلەن ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتى سىجىل كۈچەپ، ماكرو سىياسەت سىجىل ئۈنۈمىنى نامايان قىلىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرى سىجىل ئەمەلىيلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش داۋامىدىكى ئاكتىپ ئامىللار ۋە پايدىلىق شارائىتلار ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى، كۈچلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئېغىر، بېسىم زور، خىرىس كۆپ. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىشان ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، سىستېمىلىق تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ