12-ئاينىڭ 16 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يولداش چياۋ شى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، لى شى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش چياۋ شى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرماقتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى گۈزەل غايىسى قەدەممۇقەدەم ئەمەلگە ئاشماقتا. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاۋ لېجى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن سەي چى، لى شى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇنەۋۋەر جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مەيدانغا كەلدى، يولداش چياۋ شى دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىل. ئۇنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، كۈرەشچان ھايات، شانلىق ھايات، ھەقىقەتكە ئىنتىلگەن، ئالغا بېسىشقا ئىنتىلگەن، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ياراتقان تۆھپىسى ئەستە ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز يولداش چياۋ شىنى خاتىرىلىگەندە، ئۇنىڭ ئېتىقادنى چىڭ ساقلاش، غايە ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ دائىم تەربىيەلىنىپ، دائىم تاۋلىنىپ، دائىم ئۆزلەشتۈرۈپ، دائىم ئالغا ئىلگىرىلەپ، باشتىن - ئاخىر كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى چىڭ ساقلاپ، شىددەتلىك دولقۇننىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز يولداش چياۋ شىنى خاتىرىلىگەندە، ئۇنىڭ پارتىيە ئىستىلىنى توغرىلاش، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىشتەك كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز يولداش چياۋ شىنى خاتىرىلىگەندە، ئۇنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاش، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەشتەك قىممەتلىك پەزىلىتىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. باشتىن - ئاخىر جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز يولداش چياۋ شىنى خاتىرىلىگەندە، ئۇنىڭ جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىش، دادىل نەتىجە يارىتىشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز يولداش چياۋ شىنى خاتىرىلىگەندە، ئۇنىڭ قانۇنچىللىقنى ئۇلۇغلاش، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇشتەك قەتئىي ئىنتىلىشىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق يولىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز يولداش چياۋ شىنى خاتىرىلىگەندە، ئۇنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. باشتىن - ئاخىر نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.
جاۋ لېجى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، يولداش چياۋ شىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان قالتىس تۆھپىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، يولداش چياۋ شىنىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتىدىن ئۆگىنىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سۆز بىزنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ياراتقان ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
سۆھبەت يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۈن شىنياڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى گۇڭ جېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.
لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، چېن ۋېنچىڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، خاۋ مىڭجىن، سۇ خۇي سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، شاڭخەي شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش چياۋ شىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى، ئىلگىرى يېنىدا خىزمەت قىلغان خادىملار ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.