بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 30 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى جەنۋەدە قوشما بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا يەتكۈزۈش كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئېغىر خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە كارخانىلار ئىسرائىلىيەگە قورال يەتكۈزۈپ بېرىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە باشقا ھەربىي جابدۇقلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قىلمىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھۇجۇملىرىدا پۇقرالارغا ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرگە پەرقسىز ۋە نىسبەتسىز ھۇجۇم قىلغان، بۇ، نوپۇس زىچ رايونلاردا پارتلىتىش خاراكتېرلىك ۋە كۆيدۈرۈش خاراكتېرلىك قوراللارنى زور مىقداردا ئىشلىتىش، تۇرالغۇ، مۇساپىرلار لاگېرى ۋە داۋالاش، مائارىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سەھىيە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ھاياتلىقنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باياناتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئارىلىقتىكى دۆلەتلەر ئارقىلىق ۋاسىتىلىك يەتكۈزۈشنىمۇ چوقۇم توختىتىش كېرەك، بۇ قورال-ياراغ شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىمۇ مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. باياناتتا ئامېرىكا بانكىسى، مورگان چاس بانكىسى، بلاكروك شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتىكى كۆپلىگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ھەرىكەت قوللىنىشقا دەۋەت قىلىندى.