شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ھەم خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2024.06.19 09:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

                                                                        تەبرىك خەت

خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ھەم خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى كەڭ ساۋاقداشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى 1 ـ قېتىم گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ مەھسۇلى، دۆلىتىمىزدىكى ئىنقىلابىي قوشۇن كادىرلىرىنى تەربىيەلىگەن تۇنجى مەكتەپ. خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ساۋاقداشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ۋەتەنپەرۋەر ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيان باشتىن ـ ئاخىر «خۇاڭپۇ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ساۋاقداشلىق رىشتىنى باغلاش، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش» ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقىلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كېڭەيتىش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

يېڭى مۇساپىدە، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتى جەمئىيەت قۇرۇش ئاساسىي مەقسىتى ۋە سىياسىي بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ۋەتەننى سۆيۈش، ئىنقىلاب قىلىش»تىن ئىبارەت خۇاڭپۇ روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ۋە تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خاسلىقى، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي تۈردە «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ، بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى كەڭ ساۋاقداشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ ئەجدادلارنىڭ ئىرادىسىنى ئۇنتۇپ قالماي، دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2024 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ھەم خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى كەڭ ساۋاقداشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى 1 ـ قېتىم گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ مەھسۇلى، دۆلىتىمىزدىكى ئىنقىلابىي قوشۇن كادىرلىرىنى تەربىيەلىگەن تۇنجى مەكتەپ. خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ساۋاقداشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ۋەتەنپەرۋەر ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيان باشتىن ـ ئاخىر «خۇاڭپۇ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ساۋاقداشلىق رىشتىنى باغلاش، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش» ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقىلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كېڭەيتىش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتى جەمئىيەت قۇرۇش ئاساسىي مەقسىتى ۋە سىياسىي بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ۋەتەننى سۆيۈش، ئىنقىلاب قىلىش»تىن ئىبارەت خۇاڭپۇ روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ۋە تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خاسلىقى، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي تۈردە «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ، بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى كەڭ ساۋاقداشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ ئەجدادلارنىڭ ئىرادىسىنى ئۇنتۇپ قالماي، دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ھەم خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن ـ ئاخىر خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساۋاقداشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ھەم خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىغا ئالايىتەن تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ پائال تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ساۋاقداشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ساۋاقداشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى ۋەتەننى سۆيۈش، ئىنقىلاب قىلىشتەك شەرەپلىك تارىخ ۋە ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ . «ۋەتەننى سۆيۈش، ئىنقىلاب قىلىش»تىن ئىبارەت خۇاڭپۇ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئورتاق ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا بارغانسېرى يېقىن ئۆتۈش، بارغانسېرى مېھىر ـ مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، دۆلەت، مىللەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ماكانىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى ۋە تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، خاسلىقى، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شى تەيفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان تەيۋەندىكى ساۋاقداشلار ۋەكىلى يىغىندا سۆز قىلدى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار تەشكىلاتلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى ساۋاقداشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ