شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ

​ئاپەت ئەھۋالىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2024.06.20 09:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى مەزگىلدە، جەنۇبتىكى نۇرغۇن جايدا ئۇدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردا كەلكۈن ۋە گېئوئاپەت يۈزبېرىپ، ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيانغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شىمالدىكى قىسمەن رايونلاردا قۇرغاقچىلىق تېز يامراپ، جەنۇبتا ھۆلچىلىك، شىمالدا قۇرغاقچىلىق بولۇش ئالاھىدىلىكى روشەن بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئاپەت ئەھۋالىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلار، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەپ، قۇتقۇزۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەۋپ - خەتەر ئېڭى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاپەتنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، جابدۇق، ماددىي ئەشيالارنى تولۇق تەييارلاپ، خىزمەت لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرگە كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ